بايرام ھەميانى

كۆپ ئۇچرايدىغان مەسىلىلەر:


1. بايرام ھەميانى دېگەن نىمە؟

جاۋاب: بايرام ئېلېكترونلۇق ھەميانى ( قىسقارتىلمىسى بايرام ھەميانى ) شىنجاڭ بايرام تور سودا چەكلىك شىركىتى يولغا قويغان يېڭى بىر تۈرلۈك توردا پۇل تۆلەش ۋاستىسى. سىز پەقەت بىر دانە بانكا كارتىڭىزنى باغلىسىڭىزلا، كارتا ئىچىدىكى پۇلنى بايرام ھەميانىغا ئاغدۇرالايسىز. بايرام ھەميانىدا بىر چېكىش ئارقىلىق قولايلىق ھەق تۆلىگىلى بولغىنىدىن سىرت، نەق پۇل چىقىرىش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنىمۇ ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ.


2. بايرام ھەميانىدىكى پۇلنى قانداق خەجلەيمىز؟

جاۋاب: بايرام ھەميانىغا مەلۇم نىسبەتتە پۇل قاچىلىغاندىن كېيىن، سېتىۋالىدىغان مەھسۇلاتنى تاللاپ، ھەق تۆلەش سۇپىسىدىكى ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇپ، ئارقىدىن پۇل تۆلەش ئۇسۇلىنى تاللاش تۈرىدىكى بايرام ھەميانىنى ئىشلىتىشنى چەكسىڭىز، سىستېما بايرام ھەميانىڭىزدىكى قالدۇق سومما بىلەن پۇل تۆلەيدۇ.


3. ئەگەر مەخپىي نومۇرىڭىزنى ئۇنتۇپ قالسىڭىز قانداق قىلىش كېرەك؟ بايرام ھەميانىدىكى پۇل يەنە تۇرامدۇ؟

جاۋاپ: كىرىش مەخپىي نومۇرىڭىزنى ئۇنتۇپ قالغان بولسىڭىز جىددىيلەشمەڭ ! پەقەت كىرىش بېتى ئاستىدىكى " پارولنى قايتۇرۇش " كۇنۇپكىسىنى چېكىپ، كۆرسەتمە بويىچە مەشغۇلات قىلسىڭىز مەخپىي نومۇرىڭىزنى قايتۇرۇپ كېلەلەيسىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەمياندىكى پۇل ھېچقانداق تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ.


4. ھېسابات نومۇرى ۋە مەخپىي نومۇرىڭىز ئوغرىلىنىپ، ھەميانىڭىز ئوغرىلىقچە ئىشلىتىلسە قانداق قىلىش كېرەك؟

جاۋاپ: شىنجاڭ بايرام تور سودا چەكلىك شىركىتى بايرام تور سودا شەھەرچىسىدىكى قانۇنلۇق ھوقۇقىڭىزنى قوغداش ئۈچۈن، ئالاھىدە بىخەتەرلىك مەخسۇس لىنىيىسىنى ئورناتقان بولۇپ، بىخەتەرلىكىڭىز دەخلى – تەرۇزغا ئۇچرىغان ھامان ( ئوغرىلىنىش، مەخپىي نومۇر يۈتۈش، ھەميان ئوغرىلىنىپ ئىشلىتىلىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) بىخەتەرلىك مەركىزى بىلەن ئالاقىلىشىپ، بايرام تور بېتىدىكى ھېسابات نومۇرىڭىزنى ياكى ھەميانىڭىزنى توڭلىتىپ، تېخىمۇ كۆپ زىيان ۋە يامان ئاقىۋەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشىڭىز كېرەك.