مال تاپشۇرۇۋېلىش


  شىنجاڭ بايرام ئېلېكترونلۇق سودا چەكلىك شىركىتى ( قىسقارتىلمىسى بايرام شىركىتى ) بەلگىلىمىسى:


(1)  مال تاپشۇرىۋالغان ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە  مال ئەۋەتىش تالونى بىلەن مالنى سېلىشتۇرۇڭ. ئەگەر مېلىڭىز كەم ياكى خاتا ئەۋەتىلىپ قېلىنغان ئەھۋاللار بولسا، بىزنىڭ مۇلازىمەت مەركىزىمىز بىلەن ئالاقىلىشىپ مۇقۇملاشتۇرۇلغاندىن كېيىن تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى مېلىڭىزنى قايتۇرىۋېتىدۇ.


(2) بايرام شىركىتى بەلگىلىگەن ئالاھىدە مەھسۇلاتلار، مەسىلەن: ھىم كىيىم-كېچەكلەر ( ئىچ كىيىم، پايپاق، ئاياللار ئىچ كىيىمى، سۇ ئۈزۈش كىيىمى قاتارلىقلار ) نى سىناپ كىيىشكە بولمايدۇ، گىرىم بويۇملىرىنى سىناپ ئىشلىتىپ بېقىشقا، شۇنداقلا ئالاھىدە بەلگىلەنگەن توك ئۆتكۈزىدىغان ئېلېكترونلۇق بويۇملارغىمۇ توك قاچىلاشقا بولمايدۇ. ئەگەر مالنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن سۈپىتىدە مەسىلە كۆرۈلسە، شىركىتىمىزنىڭ مۇلازىمەت مەركىزى بىلەن ئالاقىلىشىپ قايتۇرىۋەتسىڭىز ياكى ئالماشتۇرسىڭىز بولىدۇ.


(3) ئىمزا قويۇپ مالنى تاپشۇرىۋالسىڭىز مالنى قوبۇل قىلغانلىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ. ۋاكالىتەن ئىمزا قويۇلۇپ قوبۇل قىلىنغان زاكازمۇ سېتىۋالغۇچى ئۆزى قويغان ئىمزاغا ئوخشاش كۈچكە ئىگە. ئىمزا قويۇپ بولغاندىن كېيىن، مالنى قايتۇرۇشقا ياكى ئالماشتۇرۇشقا بولمايدۇ.


ئادرېسنى ئۆزگەرتىش:1. تور بېتىمىزدە زاكاسنى يوللاپ بولغاندىن كېيىن ئادرېسنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ. 2. مال تاپشۇرىۋېلىشنى رەت قىلىش: مالنى تەكشۈرۈپ قوبۇل قىلىڭ، ئەگەر ئورالمىسىدا بۇزۇلغان، چېقىلغان يەرلىرى بار بولسا مالنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر مالنىڭ سۈپىتىدە مەسىلە كۆرۈلسە ئىمزا قويۇشنى رەت قىلىپ، بايرام شىركىتىنىڭ مۇلازىمەت مەركىزى بىلەن ئالاقىلىشىڭ، شەخسىي سەۋەبتىن تاپشۇرىۋېلىشنى رەت قىلسىڭىز، بارلىق چىقىمنى ئۆز ئۈستىڭىزگە ئالىسىز.


تۆۋەندىكىدەك مەسىلىلەر سەۋەبىدىن زاكاسنى قوبۇل قىلالماسلىقىڭىز مۇمكىن:

(1) زاكاسنى ۋاقتىدا، توغرا يوللىشىمىز، شۇنداقلا " مېنىڭ زاكاسلىرىم "دىكى زاكاسنىڭ ئەڭ يېڭى تەرەققىياتىنى ھەرۋاقىت تەكشۈرۈپ تۇرۇش ئۈچۈن، زاكاس قوبۇل قىلىش ئادرېسى، پوچتا نومۇرى، تېلېفون نومۇرى، ئېلېكترونلۇق پوچتا يوللانما ئادرېسى قاتارلىق ئۇچۇرلارنىڭ توغرىلىقىغا كاپالەتلىك قىلىڭ.


(2) يوللانمىنى يوللاش جەريانىدا 7 كۈنگىچە سىز بىلەن ئالاقىلىشالمىساق، زاكاسنى قوبۇل قىلىشتىن ۋاز كەچكەنلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.