تىزىملىتىش ئۇسۇلى

    تىزىملىتىش ئۇسۇلى

  بايرام تور سودا شەھەرچىسىگە ھېسابات نومۇرى تىزىملىتىشنىڭ جەريانى ۋە ئۇسۇلى  


ئالدى بىلەن بايرام تور سودا شەھەرچىسىگە كىرسىڭىز، ئوڭ تەرەپ ئۈستىدىكى ئىككى قارا كۇنۇپكىنى كۆرىسىز. رەسىمدىكىدەك



چوڭايتىلغان " كىرىش / تىزىملىتىڭ " كۇنۇپكىسى


سول تەرەپتىكى " تىزىملىتىڭ " كۇنۇپكىسىنى چېكىپ، تىزىملىتىش بېتىگە كىرىمىز، رەسىمدىكىدەك



تىزىملىتىش بېتىگە يانفون نومۇرىڭىز شۇنداقلا رەسىملىك تەستىق كودىنى كىرگۈزۈپ ئاستىدىكى قىزىل رەڭلىك " تەستىق كودىغا ئېرىشىش " كۇنۇپكىسىنى چەكسىڭىز تەستىق كودىنى سىز تولدۇرغان يانفونغا قىسقا ئۇچۇر شەكلىدە ئەۋەتىپ بېرىدۇ. رەسىمدىكىدەك


قوبۇل قىلغان 6 خانىلىق تەستىق كودىنى كىرگۈزۈپ، " كېيىنكى قەدەم " كۇنۇپكىسىنى چېكىپ ئەڭ ئاخىرقى مەشغۇلات بېتىگە كىرىمىز. رەسىمدىكىدەك


تولدۇرۇلغان تەستىق كودى


ئاخىرقى مەشغۇلات ( مەخپىي نومۇر ئورنىتىش )

بۇ قەدەمدە ئورناتماقچى بولغان مەخپىي نومۇرىڭىزنى كىرگۈزۈپ ( مەخپىي نومۇر ھېسابات نومۇرىڭىزنىڭ مەخپىيەتلىكىگە چېتىلىدىغان بولغاچقا، كىرگۈزگەندە ئېھتىيات قىلىڭ ) ئاستىدىكى " مۇقىملاشتۇرۇش " كۇنۇپكىسى ئارقىلىق تىزىملىتىشنى ئاخىرلاشتۇرسىڭىز " مۇۋەپپەقىيەتلىك تىزىملاتتىڭىز " دېگەن ئەسكەرتمە چىقىدۇ. رەسىمدىكىدەك


ھازىردىن باشلاپ مال سېتىۋېلىش پائالىيىتىڭىزنى باشلىسىڭىز بولىدۇ ! ( يېڭىدىن تىزىملاتقان خېرىدارغا 1000 يۈەنلىك بايرام پۇلى سوۋغا قىلىنىدۇ، قېنى دەرھال ھەركەتلىنىڭ )