مال قايتۇرۇش ساۋاتلىرى


7كۈن ئىچىدە شەرتسىز مال قايتۇرۇش ئومۇمىي قائىدىسى


1. بايرام تورىدىن سېتىۋالغان ماللارنى ئالماشتۇرۇشقا بولامدۇ؟

بايرام تورى بەلگىلىگەن ياكى دۆلەت قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ئالماشتۇرۇشقا بولمايدىغان مەھسۇلاتلاردىن باشقا مەھسۇلاتلارنى ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ.


2. مال قايتۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك مۇددىتى قانچىلىك؟

زاكاسغا ئىمزا قويۇپ تاپشۇرۇپ ئالغان كۈندىن باشلاپ 7 كۈن ئىچىدە (تېز يەتكۈزۈش شىركىتىنىڭ يەتكۈزۈش تالونىدىكى ئىمزا قويغان ۋاقىت ئۆلچەم قىلىنىدۇ)


3. قانداق ئەھۋالدا، خېرىدار مالنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ 7 كۈن ئىچىدە شەرتسىز مال قايتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؟

1) مەھسۇلات سۈپىتىدە مەسىلە بولسا.

2) مەھسۇلات ۋە مەھسۇلاتنىڭ ئورالمىسى بايرام تورى سېتىپ چىقارغاندىكى ئەسلى ئورالما ھەم دېتال ۋە سوۋغاتلىق بويۇملار تولۇق بولۇپ، قايتا سېتىلىشىغا تەسىر يەتكۈزمەيدىغان ئەھۋالدا .


4.قايسى مەھسۇلاتلار 7 كۈن ئىچىدە شەرتسىز مال قايتۇرۇش دائىرىسىگە كىرمەيدۇ؟

1) خېرىدار مەخسۇس ئۆزى ئۈچۈن بۇيرۇتۇپ ياساتقان مەھسۇلاتلار .

2) يېڭى ۋە تىرىك ئاسان سېسىيدىغان مەھسۇلاتلار

3) توردىن بىۋاسىتە چۈشۈرگەن ياكى خېرىدار ئاللىبۇرۇن قېپىنى ئېچىۋەتكەن ئۈن-سىن بويۇملىرى ، كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتال قاتارلىق رەقەملەشتۈرۈلگەن مەھسۇلاتلار

4) تاپشۇرۇۋالغان گېزىت-ژۇرنال تۈرىدىكى مەھسۇلاتلار

5)  مەھسۇلات خۇسۇسىيىتىگە ئاساسەن ھەم سىز سېتىۋالغان ۋاقىتتا مال قايتۇرۇش ۋە ئالماشتۇرۇشقا بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن باشقا مەھسۇلاتلار


5.قانداق ئەھۋال ئاستىدا مال قايتۇرۇشقا بولمايدۇ؟

1) ھەرقانداق بايرام تورىدا سېتىلمىغان مەھسۇلاتلار  (تەرتىپ نومۇرى ماس كەلمىسە)  ئۈچ كاپالەت ۋاقتىدىن ئۆتۈپ كەتكەن مەھسۇلاتلار

3) ھېچقانداق تەستىق ئالماي تۇرۇپ ئوڭشىغان، خاتا ئىشلەتكەن، ئۇرۇپ سوققان، بىخەستەلىك قىلغان، كەلسە -كەلمەس ئىشلەتكەن، سۇيۇقلۇق قۇيغان، ھادىسىگە يولۇققان، ئۆزگەرتكەن، توغرا قۇراشتۇرماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللاردىن مەھسۇلات سۈپىتىدە مەسىلە كۆرۈلسە ياكى چاپلىما ماركا، ماشىنا تەرتىپ نومۇرى، ساختىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش بەلگىسىنى يىرتىۋەتكەن ياكى ئۆزگەرتكەن ئەھۋالدا

4) مال تالونى (تالون كەستۈرگەن بولسا) ، رېمونت قىلىش كارتىسى قاتارلىق ئۈچ كاپالەت ئىسپاتىنى تەمىنلەپ بېرەلمىسە ياكى ئۈچ كاپالەت ئىسپات ئۇچۇرلىرى مەھسۇلاتقا ماس كەلمىسە ياكى ئۆزگەرتىلگەن بولسا.


6.مال قايتۇرۇش چىقىمىنى كىم ئۈستىگە ئالىدۇ؟

1) مەھسۇلات سۈپىتى سەۋەبىدىن مال قايتۇرۇلسا، مال قايتۇرۇش كىراسىنى بايرام شىركىتى ئۈستىگە ئالىدۇ.

2) سىزنىڭ شەخسى سەۋەبىڭىزدىن مال قايتۇرۇلسا، مال قايتۇرۇش كىراسىنى خېرىدار ئۆز ئۈستىگەئالىدۇ. ئەگەر بىر قانچە زاكاس بىر پوسۇلكىدا قايتۇرۇلسا، بايرام شىركىتى پەقەت بىر قېتىملىق كىرا ھەققىنى تولۇقلاپ بېرىدۇ.