مال قايتۇرۇش قەدەم باسقۇچى

1.مالنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، مەھسۇلات سۈپىتىدە مەسىلە بولسا ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا مەسىلىلەر بولسا ، بايرام تورىغا چىقىپ، ئەزالار مەركىزىگە كىرىپ، كۆرسىتىلگەن تەرتىپ بويىچە مەشغۇلات قىلىپ، مالنى شىركىتمىزنىڭ مۇلازىمەت مەركىزىگە ياكى مال ئېلىۋېلىش ئورنىغا ئاپىرىپ قايتۇرسىڭىز بولىدۇ.


2.مال قايتۇرۇش يەتكۈزۈش ئۇسۇلىنى تاللاشتا، ئەگەر تۇرۇشلۇق ئورنىڭىز ئەتراپىدا ، بايرام تور سودا شەھەرچىسى مۇلازىمەت مەركىزى بولسا، مالنى مۇلازىمەت مەركىزىگە قايتۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئۇ چاغدا كىرا ھەققى ھېسابلانمايدۇ . ئەگەر تۇرۇشلۇق ئورنىڭىز بايرام تور سودا شەھەرچىسى مۇلازىمەت مەركىزى بولمىسا ياكى يەتكۈزۈش قولايسىز بولسا سىزگە ئەڭ قولايلىق تېز يەتكۈزۈش شىركىتى ئارقىلىق مالنى بىزگە قايتۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ. كىرا ھەققى 10يۈەن ھېسابلىنىپ ، بايرام پۇلى شەكلىدە، ھېساباتىڭىزغا ئۇرۇپ بېرىلىدۇ. 


بىخەتەرلىك ۋە مال قايتۇرۇشنىڭ ۋاقىتچانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، سىزنىڭ ئىناۋىتى ياخشى بولغان تېز يەتكۈزۈش شىركەتلىرىدە مال قايتۇرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. باشقا ھەرقانداق ئۇسۇل بىلەن مال قايتۇرۇشقا بولمايدۇ.